گەرچە تەنھەرىكەت ئادەمنىڭ ھەر قايسى باسقۇچتىكى تەن ساغلاملىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولسىمۇ، لېكىن نورۋېگىيىلىك ئالىملار يېقىندا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن تۇغۇت يېشىغا يەتكەن ھەمدە ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلىدىن خالىي 3000 ئايالنىڭ تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى سۇئال–جاۋاب شەكلىدە ئىگىلىگەنىدۇق ، 10 يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈرۈپ ، ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئىگە بولدۇق .
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : بۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا كۈندە تەنھەرىكەت بىلەن چېنىقىدىغان ۋە تەنھەرىكەت بىلەن تاكى جىسمانىي قۇۋۋىتى خورىغىچە ھەرىكەت قىلىدىغان ئاياللاردا ھامىلدار بولماسلىق ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر ، ئەمما بۇ ئىككى خىل ئادەتنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولالماسلىق نىسبىتى بەك يۇقىرى بولغان . ئەمما ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئەھۋال شۇكى ، چەكتىن ئاشقان ھەرىكەتنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋاقىتلىق بولىدىكەن . شۇڭا ئاياللار تەنھەرىكەت ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى توختاتسا ياكى چېنىقىش دەرىجىسىنى نىسبەتەن تۆۋەنلەتسە ، ئۇلارنىڭ بالىلىق بولالايدىغانلىقىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدىكەن ، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى نورمال ھالەتكە قايتالايدىكەن .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号