• ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · زاراڭزا يېغى
  • · بېدىنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۆكتات يىيىشتە بىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
  • · كەرەپشىنىڭ شىپالىق رولى (چىڭسەي)
  • · تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى
  • · سەۋزىنىڭ شىپالىق رولى
  • · باش پىيازنىڭ شىپالىق رولى
  • · يەسىۋىلەكنىڭ شىپالىق رولى
  • · تەرخەمەكنىڭ شىپالىق رولى
  • · يازلىق يەسىۋىلەكنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۈدە (جۈسەي) نىڭ شىپالىق رولى
  • · قىچىنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۆك كاۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • · پالەكنىڭ شىپالىق رولى
  • · پېدىگەننىڭ شىپالىق رولى
  • · ئاچچىق كاۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • · شوخلىنىڭ شىپالىق رولى (2)
  • · چېچەكسەينىڭ شىپالىق رولى
  • · قارامورنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۆكمۇچنىڭ شىپالىق رولى
  • · قوي گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · ياڭيۇنىڭ شىپالىق رولى
  • · كاۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • · توشقان گۆشىنى شىپالىق رولى
  • · ئات گۆشى
  • · كالا گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · توخۇ گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · قىچا يېغىنىڭ شىپالىق رولى
  • · توخۇ تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى
  • · كالا سۈتى
  • · قېتىقنىڭ شىپالىق رولى
  • · خاسىڭ يېغىنىڭ شىپالىق رولى
  • · پۇرچاق سۈتىنىڭ شىپالىق رولى
  • · كۈنجۈت يېغى
  • · ئۆردەك گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · جىياڭيۇنىڭ شىپالىق رولى
  • · ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى
  • · ئاچچىقسۇ
  • · ئاق شېكەر
  • · ناۋات
  • · تۇزنىڭ رولى
  • · ھەسەل
  • · كەپتەر گۆشىنىڭ شىپالىق رولى
  • · قەھۋە
  • · سامساقنىڭ رولى
  • · كەپتەر تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى
  • · ئاق ھاراق
  • · قىزىلمۇچ (لازا)
  • · قارا ئەتلىك توخۇ
  • · پىۋا
  • سەۋزىنىڭ شىپالىق رولى
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 14:12 12-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 2657
    دىئابېت كاپسۇلى

    سەۋزىنىڭ توم گۆشلۈك يىلتىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، رەڭگى چىرايلىق، چۈرۈش، شىرنىسى كۆپ، خۇش پۇراقلىق، تەمى تاتلىق بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. سەۋزە ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن كۆپ تەرەپلىمە ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولغاچقا، «كىچىك ئادەمگىياھ» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

    سەۋزىنىڭ ئىككى چوڭ ئېكولوگىيىلىك تىپى بار: بىر خىلى ئاسىيا ئېكولوگىيىلىك تىپىدىكى سەۋزە، ئۇنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى سىلىندىر شەكىلدىكى بولۇپ، كەسمە تۈزۈلۈشى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزىكى (يەنى ياغاچلاشقان قىسمى) ئىنچىكە، ئېتى يۇمران، ماندارىن قىزىلى رەڭلىك كېلىدۇ. يەنى بىر خىلى ياۋروپا ئېكولوگىيىلىك تىپىدىكى سەۋزە، ئۇنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى كونۇس شەكلىدە، ئوتتۇرسىدىكى ئۆزىكى توم، ئېتى قېرىراق، ئاپېلسىن رەڭلىك كېلىدۇ

    ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

    سەۋزە تەركىبىدە مول ۋىتامىن B1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىنA، ۋىتامىنC، ۋىتامىنD، ۋىتامىنE، ۋىتامىنK، ۇپۇرماق كېسلاتاسى ھەمدە فوسفور، كالتسىي قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ ۋىتامىنلىق بىرىكمە تابلېتكىلاردىن قېلىشمايدۇ. ھەر 500 گرام سەۋزە تەركىبىدە 140 گرام فوسفور، 305 گرام كالتسىي بولىدۇ.

    سەۋزىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، «يەل ماڭدۇرۇش، دېمى سىقىلىشنى، بەلغەم بوشىتىش، تاماق سىڭدۈرۈش، قورساق ئېسىلىشنى يوقىتى، يەللىك ئاغرىقنى توختىتىش» قاتارلىق رولى بار.

    سەۋزە ئورگانىزمنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش، نامازشام قارىغۇسى كېسىلى ۋە ككز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنى داۋالاش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

    سەۋزە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار ھەمدە كۆپ خىل ئەزالارنى قوغداش رولى بار.

    سەۋزە قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا قارىتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.

    سەۋزە تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەمنى قېرىتىۋېتىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ يەنە تېرىنى سىلىقلاش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

    سەۋزىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانىزىمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رولى بار.

    ئاياللار سەۋزە ئىستېمال قىلىپ بەرسە تۇخۇمدان راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. سەۋزىنىڭ خۇش پۇرىقىنىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار.

    ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    سەۋزىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، ئۇنى خام يېسىمۇ، گۆش بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ يېسىمۇ، شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

    سەۋزە تەركىبىدە تەسىر كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ۋىتامىنC لاشتۇرغۇچى ئېنزىم بولىدۇ. تاماق تەييارلاش داۋامىدا ئۇ باشقا كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنCنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇ خىل تەسىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ۋە جياڭيۇ قۇيۇۋەتسە بولىدۇ. كاروتىن بىلەن ۋىتامىنA ياغدا ئېرىيدىغان ماددىلاردىن ئىبارەت، شۇڭا سەۋزىنى ياغدا قورۇپ پىشۇرۇپ ياكى گۆش بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

    سەۋزىنى ئاق تۇرۇپ بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئاق تۇرۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، سەۋزىنىڭ تەركىبىدە ئانتىسكوربىك كىسلاتا (ۋىتامىنCنى پارچىلىغۇچى فېرمېنت) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېنزىم بولىدۇ، ئۇ ئاق تۇرۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىنCنى يوقىتىۋېتىدۇ.

    سەۋزىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. سەۋزە زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا تېرىدىكى پىگمېنىتتا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، تېرىنى سارغايتىۋېتىدۇ.

    سەۋزىنى ئىستېمال قىلىشتا پوستىنى سويماسلىق لازىم. سەۋزىنىڭ ئوزۇقلۇق جەۋھەرلىرى سەۋزە پوستىغا مەركەزلەشكەن. مۇتەخەسسىسلەر، سەۋزىنى يۇيىدىغان چاغدا پوستىنى سويماستىن، بوشراق قىرىۋەتسىلا بولىدۇ دەپ ئەسكەرتىدۇ.

    سەۋزىنى توغراپ بولۇپ يۇيۇش ياكى ئۇزۇن ۋاقىت سۇغا چىلاپ قويۇش مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇنى قورۇشتا ئاچچىقسۇنى بەك كۆپ قۇيماسلىق كېرەك.

    سەۋزە ھاراق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، كۆپ مىقداردىكى كاروتىن ئىسپىرت بىلەن بىللە بەدەنگە كىرىدۇ-دە، جىگەردە زەھەر (توكسىن) پەيدا قىلىپ، جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • قان بېسىم چۈشۈرۈش چېيى
    قان بېسىم چۈشۈرۈش چېيى
  • دىئابېت چېيى
    دىئابېت چېيى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • گېمروي مەلھىمى
    گېمروي مەلھىمى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى
    سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى
  • توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
    توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号