• ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى
  • · ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى
  • · ئەيدىزنىڭ 4 قەدەم باسقۇچلىرى
  • · قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز يۇقىدۇ
  • · كۆپ جىنسىي ھەمراھى بولۇش
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (1)
  • · ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ئۈزۈۋېتىش
  • · ئەيدىز ۋىروسى
  • · جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (2)
  • · ئەيدىز
  • · ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (3)
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (4)
  • · ئەيدىز ۋىروسىدىن بولغان تىبۇركىليۇز
  • · قىزىل لېنتا
  • · زەھەرلىك چېكىملىككە يېقىن يولىماڭ
  • · ئوخشاش جىنىسلىقلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە
  • · ئەيدىز يۇقۇش يوللىرى
  • · زەھەر ئىستىمالىدىكى خەتەرلىك قىلمىشلار
  • · بويىغا يەتكەن قىزلاردا ئەيدىز كېسىلى بىلەن
  • · مىتادون بىلەن زەھەر چەككەنلەرنى
  • · ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتىن ئالدىنى ئېلىش مۇھىم
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10 ساۋات
  • · ئەيدىز ۋىروسى بىلەن ئەيدىزنىڭ پەرقى
  • · ئەيدىزنىڭ كېلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ
  • · سۈيۈشۈشتىن ئەيدىز يۇقامدۇ ؟
  • · ئەيدىزنىڭ قاندىن يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
  • · پاشا نىمىشقا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرالمايدۇ ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىدە كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلەر
  • · ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرتۈش ئۇسۇللىرى
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى
  • · ئەيدىز قانداق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى قانچىلىك بولىدۇ
  • · زەھەر-ئەيدىز-مەسچىت
  • · ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ
  • · ئەيدىز كېسىلى ئاياللاردىن كۆپ يۇقىدىكەن
  • · ھەمجىنىسلىق كېسىلى ۋە ئەيدىز
  • · ئەيدىز ھەققىدە مەسلىھەت
  • · ئەيدىزنى يوشۇرۇش
  • · ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىن قانداق بۆسۈپ ئۆتىدۇ؟
  • · ئەيدىزدىن مۇنداقمۇ يۇقۇملىنىش بولىدۇ
  • ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىن قانداق بۆسۈپ ئۆتىدۇ؟
    مەنبە: ساقلىقنى ساقلاش ژورنىلى يوللانغان ۋاقتى: 15:03 11-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 578
    دىئابېت كاپسۇلى

    ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەدرىجىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتىن ئىبارەت. ئەيدىز ۋىرۇسى (ئىنسانلار ئىممۇنېتىنى كەمتۈكلەشتۈرگۈچى ۋىرۇس) ئاساسلىقى ياردەمچى T ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ھۈجەيرىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ ئورگانىزم ئىممۇنېت رېئاكسىيەسىدە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇ باشقا ئىممۇنېت ھۈجەيرىلىرىگە ئىممۇنېتلىق ھوجۇمغا ئۆتۈش ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ. بۇ تۈردىكى ھۈجەيرىلەر سىرتقى يۈزىدە CD4 مولېكۇلاسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ. شۇڭا، T + CD4 ھۈجەيرىسى ياكى T4 ھۈجەيرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇقۇملانغان ھامان ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا ئايلىنىدۇ. يېڭىدىن نۇسخىلىنىپ چىققان ھۈجەيرىلەر يەنە باشقا ھۈجەيرىلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

    نورمال ئادەمنىڭ ھەر كۇب مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدە 1200 - 800 دانە T +CD4 ھۈجەيرىسى بولىدۇ، ھۈجەيرە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا، بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلايدۇ. ئازلاپ يۇقىرى سانلىق قىممەت 200 دىن تۆۋەن بولغاندا، ئادەم بەدىنىدە ئاسانلا پۇرسەت كۈتۈپ يۇقۇملاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆسمە پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز يۇقۇمى بىمارلىرىنىڭ يەنە ئۈچەي يولى، ئۆپكە، مېڭە، كۆز قاتارلىق ئەزالىرىدا ئاسانلا قوشۇمچە يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، باشقا ئورگانىزملىرىدىمۇ يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دائىم ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش، نېرۋا كېسەللىكى، kaposi ساركومىسى ۋە لىمفا ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئەگىشىپ كېلىدۇ.

    كۆپ ساندىكى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىماقتا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىۋاسىتە T +CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھۈجەيرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئەيدىز يۇقۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى يەنە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ لىمفا بەزلىرى قاتارلىق ئىممۇنېتلىق ئىقتىدارغا ئىگە ئەزالىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنېت سىستېمىسىنى تورمۇزلايدۇ.

    1. ئەيدىز ۋىرۇسى بىر خىل تەتۇر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇس: 

    ئادەم ۋە باشقا كۆپ قىسىم جانلىقلارنىڭ ئىرسىي ماددىسى -(DNA(脱氧核糖核酸، تەتۇر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇسنىڭ ئىرسىي ماددىسى بولسا، DNA بولماستىن بەلكى( RNA( 核糖核酸. ئەيدىز ۋىرۇسى دەل بىر خىل تەتۇر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇستىن ئىبارەت. باشقا ۋىرۇسلارغا ئوخشاشلا ئەيدىز ۋىرۇسىمۇ پەقەت ھۈجەيرە ئىچىدىكى بىر قىسىم ماددىلاردىن پايدىلىنىپ نۇسخىلاش ئېلىپ بارىدۇ. تەتۈر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇسنىڭ ئالاھىدىلىكى: ۋىرۇس، قونالغۇ ھۈجەيرە (宿主细胞) گە كىرگەندىن كېيىن، بىر خىل تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىمدىن پايدىلىنىپ ئىرسىي ماددىسى RNA نى تەتۈر خاتىرىلەپ DNA گە ئۆزگەرتىدۇ، ھەمدە RNA نى قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ گېن گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بولسا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى قوزغاتقۇچى ۋىرۇس ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، يۇقۇملانغاندىن تارتىپ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگىچە ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل كېتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن باشقا يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈردىكى ۋىرۇسلار، ئالايلۇق، مۈشۈك ئىممۇنىتېتىنى كەمتۈكلۈشتۈرگۈچى ۋىرۇس (FIV)، ئادەمسىمان مايمۇن ئىممۇنىتېتىنى كەمتۈكلەشتۈرگۈچى ۋىرۇس (SIV) قاتارلىقلارمۇ مۇناسىپ ھايۋانلاردا ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئالامىتىگە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە ئۇلار ئەيدىز يۇقۇمىغا پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمىسىمۇ ئەمما بىزنىڭ ئەيدىز ئۈستىدىكى تەتقىقاتىمىزدا بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

    2. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قۇرۇلمىسى 

    ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەمنى قانداق يۇقۇملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى نىڭ تۈزۈلۈشىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تونۇشقا ئىگە بولۇش زۆرۈر. ئەيدىز ۋىرۇسى دا ھەممە ۋىرۇسلارغا ئوخشاش ھۈجەيرە دىۋارى ۋە ھۈجەيرە يادروسى يوق بولۇپ، قوغدىنىش خاراكتېرلىك سىرتقى پەردىنىڭ ئىچىدىكى ئىرسىي ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئەيدىز ۋىرۇسى شار شەكىللىك بولۇپ، دىيامېتىرى 1/10000 مىللىمېتىر كېلىدۇ.

    1) ۋىرۇسنىڭ سىرتقى پەردىسى 

    سىرتقى پەردە ۋىرۇسنىڭ بىر قەۋەت يېپىنچىسى بولۇپ، قوش قەۋەت فوسفورلۇق ياغ (ماي مولېكۇلاسى) دىن تۈزۈلگەن؛ ۋىرۇس بىخ چىقىرىش شەكلىدە ئادەم تەن ھۈجەيرىسىدىن ئايرىلغاندا ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئېرىشكەن سىرتقى پەردىسى بىر قىسىم ئاقسىلنى قاماللىۋالىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئادەم تەن ھۈجەيرىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 72 دانە Env ئاقسىلى بار بولۇپ، بۇ خىل ئاقسىل پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىدىلا بولىدۇ، ئۇلار مىخغا ئوخشاش ۋىرۇسنىڭ سىرتقى پەردىسىگە سانجىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قالپىقى 3 − 4 دانە 120 gp دەپ ئاتىلىدىغان قەنىت ئاقسىلى مولېكۇلاسىدىن، دەستىسى بولسا 2 − 4 دانە 41 gp مولېكۇلاسىدىن تۈزۈلگەن. نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى تەتقىقاتى دەل مۇشۇ پەردە ئاقسىلىغا مەركەزلەشمەكتە.

    2) ۋىرۇسنىڭ يادروسى: 

    يېتىلگەن ئەيدىز ۋىرۇسى ۋىرۇس دانچىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوقسىمان يادروسى (ياكى قاسراق تەنچە) بار بولۇپ، 2000 دانە ۋىرۇس ئاقسىلى p24 دىن تەركىب تاپقان. قاسراق تەنچىنىڭ ئىچىدە ئىككى تاق زەنجىرلىك RNA بار بولۇپ، ھەربىر تاق زەنجىر بىر يۈرۈش (توققۇز تال) ئەيدىز ۋىرۇسى گېنىنى ئېلىپ يۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ تال گېن env,pol,gag كودلاشتۇرغان ئاقسىل- يىڭى ۋىرۇس تۈزۈلىشىدىكى زۆرۈر بولغان ئاقسىلدىن ئىبارەت. مەسىلەن: env گېنى كودلاشتۇرغان ئاقسىل 160 gp دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ۋىرۇس تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بىر خىل ئېنزىمنى، 120 gp ۋە 41 gp دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاقسىلغا پارچىلايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئاقسىل ئەيدىز ۋىرۇسى سىرتقى پەردىسىنىڭ تەركىبى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى ئۈچ گېندىن باشقا يەنە ئۈچ تەڭشىگۈچى گېن nef,rev,tat ۋە ئۈچ ياردەمچى گېن vpu,vpr,vifنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار كودلاشتۇرغان ئاقسىل ھۈجەيرىسىنى يۇقۇملاندۇرۇش ۋە ۋىرۇسنى نۇسخىلاش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن: nef كودلاشتۇرغان ئاقسىل ۋىرۇسنىڭ نۇسخىلىنىش ئۈنۈمىنى كونترول قىلىدۇ، vpu كودلاشتۇرغان ئاقسىل بولسا يېڭىدىن نۇسخىلىنىپ چىققان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملانغان ھۈجەيرىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ ھەربىر تال RNAزەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا، ئاخىرقى ئۇچ تەكرارلانغان تەرتىپ (LTR) بار بولۇپ، بۇ تەرتىپ دەل ۋىرۇسنىڭ نۇسخىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئالدىنقى ئامىلدۇر. ۋىرۇسنىڭ يادروسىدا يەنە P7 دەپ ئاتىلىدىغان يادىرو قاسراق تەنچە ئاقسىلى بىلەن ئۈچ خىل ئېنزىم - تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىم، پۈتۈنلەش ئېنزىمى ۋە ئاقسىل ئېنزىمى قاتارلىقلار ساقلانغان.

    3(ئاقسىل P7 ئاقسىل P7 يەنە ئەيدىز ۋىرۇسى نىڭ ئۇل (ئاساس) ئاقسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ۋىرۇسنىڭ يادروسى بىلەن سىرتقى پەردىسى ئارىسىغا جايلاشقان.

    3. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىنىش (كۆپىيىش) جەريانى

    1) ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە بۆسۈپ كىرىشى

    ۋىرۇس T +CD4 ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇچراشقان ھامان يۇقۇملىنىش جەريانى باشلىنىدۇ. ۋىرۇسنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى 120 gp مولاكۇلىسى بىلەن ھۈجەيرە سىرتقى يۈزىدىكى CD4 مۇلاكۇلىسى بىرىكىپ، ۋىرۇس بىلەن قونالغۇ ھۈجەيرىسىنىڭ پەردىسى ئۆزئارا بىرلىشىپ كېتىدۇ. بىرلەشكەندىن كېيىن ۋىرۇسنىڭ قاسراق تەنچىسى (RNA، ئاقسىل ۋە ئېنزىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قونالغۇ ھۈجەيرىگە كىرىدۇ. گەرچە CD4 ھۈجەيرىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولسىمۇ،ئەمما سىرتقى يۈزىدە CD4 مولاكۇلىسى بار بولغان باشقا ھۈجەيرىلەرمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. مەسىلەن: تاق يادرولۇق ھۈجەيرە ۋە زور يۇتقۇچى ھۈجەيرە. بۇ ھۈجەيرىلەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن زور مىقداردىكى ۋىرۇسلارنى زاپاس ساقلىغاچقا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ «ۋىرۇس ساقلاش ئىسكىلاتى» غا ئايلانغان. ئەيدىز ۋىرۇسى ۋىرۇسلارنىڭ ھۈجەيرىلەرنى يۇقۇملاندۇرۇش يولى بىلەن تارقالغاندىن باشقا، يەنە ھۈجەيرە بىلەن ھۈجەيرە ئارىسىدىمۇ تارقىلىدۇ. بۇ يۇقۇملانغان ھۈجەيرە بىلەن ساغلام (يۇقۇملانمىغان) ھۈجەيرىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىپ كېتىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ ساندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى قونالغۇ ھۈجەيرىگە بۆسۈپ كىرگەندە CD4 مولېكۇلاسىغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل ياردەمچى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە CCR5 گە مۇھتاج بولىدىكەن. مۇبادا، يۇقۇملانغۇچىنىڭ بۇ خىل ياردەمچى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسىنىڭ گېنىدا توساتتىن ئالاھىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، ئۇنداقتا بۇ ئادەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئادەتتىكى ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا ئاستىراق بولىدۇ.بەزى ئەھۋاللاردا بۇنداق توساتتىن ئۆزگىرىش، ھەتتا ئادەمنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

    2) تەتۈر خاتىرىلەش

    ھۈجەيرە پىلازمىسىدا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىمى ۋىرۇسنىڭ تاق زەنجىرى RNA نى تەتۈر كۆچۈرۈپ، DNA قىلىپ چىقىدۇ (ئادەم تەن ھۈجەيرىسىنىڭ گېنىنى بىللە ئېلىپ يۈرگۈچى يادرو كىسلاتاسى شەكلىدە). نۆۋەتتىكى ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالايدىغان نۇرغۇن دورىلارمۇ دەل مۇشۇ بۆلەككە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ddv,ddi,AZTقاتارلىقلار.

    3) پۈتۈنلىشىش 

    يېڭىدىن بىرىكتۈرۈلۈپ چىقىلغان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ DNA سى قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ ھۈجەيرە يادىروسىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ۋىرۇس خاتىرىلىگۈچى ئېنزىمنىڭ ياردىمىدە قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ DNA سىگە جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى DNAئەيدىز ۋىرۇسى ئىپتىدائىي ۋىرۇس دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈنلەش ئېنزىمىمۇ يېڭى دورا تەتقىقاتىدىكى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىدۇر.

    4) خاتىرىلەش 

    ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىرسىي ماددىسى قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىغا كىرگەن ھامان ھۈجەيرىنىڭ يېڭى ۋىرۇس ئاپىرىدە قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. ۋىرۇس DNA سىنىڭ قوش زەنجىرى ئايرىلىدۇ ھەمدە قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ ئېنزىمىدىن پايدىلىنىپ خەۋەرچى RNA(messenger RNA,mRNA) نى سىنتېزلەپ چىقىدۇ.mRNA ۋىرۇس ئاقسىلىنى كودلاشتۇرىدىغان بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    5) ئاغدۇرۇلۇش

    ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ mRNA سى قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ يادىروسىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، ھۈجەيرە پىلازمىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ۋىرۇسنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئاقسىل بۇ جەرياندا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. rev گېنى كودلاشتۇرغۇچى ئاقسىل، ۋىرۇس mRNA سىنىڭ قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ يادىروسىدىن ھۈجەيرە پىلازمىسىغا يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھۈجەيرە پىلازمىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ يادرو قەنت تەنچىسىدىن پايدىلىنىپ ھەمدە ۋىرۇس mRNA سىنى قېلىپقالغان ئاساستا ئۇزۇن زەنجىردىكى ۋىرۇس ئاقسىلىنى ۋە ئېنزىمنى بىرىكتۈرۈپ چىقىدۇ. مانا بۇ جەريان ئاغدۇرۇلۇش دەپ ئاتىلىدۇ.

    6) قۇراشتۇرۇش ۋە بىخ چىقىرىش 

    يېڭىدىن بىرىككەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قاسراق ئاقسىلى ۋە ئېنزىمى RNA بىلەن قونالغۇ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىغا يىغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋىرۇسنىڭ سىرتقى پەردە ئاقسىلىمۇ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچىگە يىغىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بىر دانە ۋىرۇس دانچىسى قونالغۇ ھۈجەيرىدىن بىخ چىقارغان شەكىلدە ئايرىلىدۇ. شۇڭا، ۋىرۇسنىڭ سىرتقى پەردىسىدە ۋىرۇسنىڭ ئۆزىدىكى ئاقسىل بولۇش بىلەن بىرگە يەنە قونالغۇ ھۈجەيرىنىڭ ئاقسىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋىرۇس قاسراق ئاقسىلى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەچكە، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ. ۋىرۇستىكى ئاقسىل ئېنزىمى ئۇزۇن زەنجىردىكى ئاقسىل مۇلېكۇلاسىنى ۋىرۇس كىچىك ئاقسىلى بىلەن ئېنزىمىغا پارچىلايدۇ. ۋىرۇس شۇ چاغدىلا ئاندىن يۇقۇملاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا ئاقسىل ئېنزىمىنى ئۆزىنىڭ تەركىبى قىلغان بىر قىسىم تورمۇزلىغۇچى دورىلارنى ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالايدىغان دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    ئەيدىز ۋىرۇسى پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، باشقا ھۈجەيرىلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. نەتىجىدە، يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەر ۋىرۇس ياسايدىغان ماشىنىغا ئايلىنىدۇ.

    4. يۇقۇملانغاندىن كېيىن  ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىگە كىرگەن ھامان، كۆپ مىقداردىكى T +CD4 ھۈجەيرىسىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ ھەمدە تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە بىمارنىڭ قېنىدا كۆپ مىقداردا ۋىرۇس دانچىلىرى بولىدۇ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا، بولۇپمۇ لىمفا ئەزالىرىغا تارايدۇ. لىمفا ئەزالىرى لىمفا تۈگۈنى، تال، بادامسىمان تەنچە، بەزسىمان تەنچە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قاندىكى T +CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ئەسلىدىكىدىن %40 − %20 ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن زەخمىلەندۈرۈلگەنمۇ ياكى قان ئايلىنىش ئارقىلىق لىمفا ئەزالىرىغا قايتىپ كىرىپ ئىممۇنىتېتلىق ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلانغانمۇ؟ ئالىملار ھازىرغىچە بۇنى ئېنىقلىيالمايۋاتىدۇ.

    ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 2 − 4 ھەپتىدىن كېيىن، %70 بىماردا زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ . بۇ چاغدا بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، ئۆلتۈرگۈچى T ھۈجەيرە ( T +CD8 دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سىرتقى يۈزىدە CD8 مولېكۇلاسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ) بىلەن B ھۈجەيرە ئىشلەپچىقارغان ئانتېتىلادىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئادەم تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. T +CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانىمۇ ئۆرلەپ، نورمال سەۋىيەدىكىنىڭ %90 − %80 ىگە يېتىدۇ.

    شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىماردا نەچچە يىلغىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما ئەيدىز ۋىرۇسى لىمفا ئەزالىرىدا ئۈزۈكسىز كۆپىيىدۇ. ۋىرۇسلار ئاساسلىقى لىمفا ئەزالىرىنىڭ پۈۋەكسىمان - شاخسىمان ھۈجەيرىلىرى (FDCs) دە ساقلانغان بولىدۇ. FDCs ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈش مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار خۇددى چىۋىن ئۆلتۈرىدىغان قەغەزگە ئوخشاش ئادەم بەدىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەر خىل ئانتىگېنلارنى تۇتىدۇ (ئەيدىز ۋىرۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). B ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا بـاشلـىـغاندا ئـاندىن بـۇ ئانتىگېنلارنى قـويـۇپ بېـرىدۇ. B ھـۈجەيرىـنىڭ ئـەتـىـراپىدا T +CD4 ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، ئۇلار B ھۈجەيرىنىڭ ئىممۇنىتېتلىق ئىنكاس قايتۇرىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ جەرياندا T +CD4 ھۈجەيرە يۇقۇملىنىدۇ. بۇ بىر قىسىم يۇقۇملانغان T +CD4 ھۈجەيـرىـسى ئـۆسۈش مـەركـىـزىدىن ئايرىلىپ باشقا T +CD4 نى داۋاملىق يۇقۇملاندۇرىدۇ.

    بىرقانچە يىل ئىچىدە، قان تەركىبىدىكى ۋىرۇسنىڭ سانى بەزىدە ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۆسۈش مەركىزىدە كۆپ مىقداردا ۋىرۇسلار يىغىلغان (توپلاشقان) بولىدۇ. ئۇلار يۇقۇملانغان ھۈجەيرىدە تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانى بەلگىلىك مىقدارغا يەتكەندە، FDC ھۈجەيرىسى ھالاك بولىدۇ. FDC ھۈجەيرىسى توسۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغاندا، كۆپ مىقداردىكى ۋىرۇس قانغا ئۆتىدۇ. لىمفا بېزى قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىشى ئادەم بەدىنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە باشقا كېسەللىك ئانتىگېنىغا ئەمدى قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نەتىجىدە ئەيدىزگە خاس بولغان پۇرسەت كۈتۈپ يۇقۇملاندۇرۇش ۋە ئۆسمە ئۆسۈش باشلىنىدۇ. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • گېمروي مەلھىمى
    گېمروي مەلھىمى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
    توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号