خەنزۇچە نامى: 药用大黄
تونۇش: بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ئېگىز، چوڭ سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك دورىلىق رەۋەن بولۇپ بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى <رەۋەن> ياكى <بىخ رىباس> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىچىنى سۈرۈش، ئىچىنى قاتۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش، پارقىرىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، جىگەر، تال ۋە ئۈچەيلەرنىڭ توسالغۇلىررىنى ئېچىش، يەللەرنى تارقىتىش، ئاغرىق قالدۇرۇش، جىگەر ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەرخىل ئىششىقلار، يۆتەل، خاپىغان، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، زىققە، سىل، ئۆپكە ۋە ئۈچەيلەرنىڭ يىرىڭلىق يارىسى، ئىستىسقا، يەرقان، تۈرلۈك ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، جىگەر، تال ئىششىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز توسۇلۇش، قەۋزىيەت، بۆرەك ۋە دوۋسۇن ئاغرىقلىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: رەۋەننى ئېزىپ، سىركە بىلەن قوشۇپ ھەرخىل ئىششىقلار مايلىنىدۇ، باشقا كېسەللىكلەردە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ. سۈيدۈك ۋە ھەيزنىڭ توسۇلۇشى، بۆرەك ۋە دوۋسۇننىڭ ئاغرىشىنى توختىتىش ئۈچۈن سۇفۇپ ياكى قايناتما تەييارلاپ بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: قەۋزىيەتتىن باشقىلار ئۈچۈن 4-6 گرام، ئىچىنى سۈرۈش ئۈچۈن يېرىمدىن 3 گرام.
زيانلىق تەسىرى: تېنى ئاجىزلارغا زىيانلىق.
تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا، بېھى لوئابى.
ئورۇنباسارى: قىزىلگۈل، سۇمبۇل.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ، سىچۈەن، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号