• تاۋار
  • باھالاش
  • تەپسىلاتى
ئۈستى
رەسىم
ئاقسىل تالقىنى ئاۋسترالىيە سۇلۇ يارمىسى
ھەمبەھىرلەش

بەدەننى قۇۋەتلەيدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. ساپ،تەبىئىي

¥ 59.00
¥158.00
تېز يوللانما: كىرا ھەقسىز سېتىلغىنى: 2772 كۆرۈلىشى: 39045
سىزگە ساغلام بازار تورى ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ
كەلگەن ئىنكاس (0)
ھەممىنى تەكشۈرۈش

ئىنكاس

  • بارلىق ئىنكاس(0)
  • رەسىم(0)
  • قالتىس(0)
  • ياخشى(0)
  • نورمال(0)

    ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان سۇلۇ يارمىسى

    سۇلۇ يارمىسىنى ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىپ ئەكىرىپ دۆلىتىمىزدە ئوراپ قاچىلايدۇ.

    قويۇق سۇيۇقلىقىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشەپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

    مىقدارى: ساپ ئېغىرلىقى 900 گرام

    ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا ئىستاكانغا ئېلىپ قايناقسۇ قويۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ. ياكى سۈت ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھەسەل، ھەرخىل مىۋە ئارىلاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    سۇلۇ يارمىسى توغرىسىدا: سۇلۇ يارمىسى ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    سۇلۇ يارمىسى بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىدۇ. سۇلۇ ئورۇقلاشتىكى تەبىئىي كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىك. سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بار. سۇلۇ يارمىسى سۇدا ئاسان كۆپىدۇ. شۇڭا ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئاسانلام قورساق تويغان سېزىمنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تاماقنى جىق يەۋالىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئورۇقلىماقچى بولغانلارنىڭ ياخشى يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ۋە بەدەن قىياپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن سۇلۇ يارمىسىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

    سۇلۇ يارمىسى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ. سۇلۇ تەركىبىدە مول بولغان گلۇكوزان بولۇپ، ئىنچىكە ئۈچەيدە ھەزىم بولغاندا كوللوئىدسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا خولېستېرول مول بولغان ئۆت كىسلاتاسىنى قورشىۋېلىپ، خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە قانغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ قاندىكى ماينى، قان بېسىمنى، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، يۈرەكنى قوغداش، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى چوڭ رولى بار.

    سۇلۇ يارمىسى قان شېكەرنى تۆۋەنلىتىدۇ. تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئۆرلىشىنى تىزگىنلەپ، ئىنسۇلىننى تەڭشەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاماق تالاسى يەنە قەنت تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىپ، نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسۇلىن ئاجرالمىلىرىنى تۆەنلىتىپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنىمىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا دىئابىت بىمارلىرى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ تۇرسا بولىدۇ.

    سۇلۇ يارمىسى يەنە قان تولۇقلاپ بەدەننى قۇۋەتلەيدۇ. سۇلۇ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

    سۇلۇ يارمىسى ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرىدۇ.سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدە مول سۇلۇ ئاقسىلى، سۇلۇ گلۇكوزان قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار. بۇ ماددىلار تېرىنىڭ سۇ تەركىبىنى قولۇپلاپ، كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى پارقىرىتىپ، نەملىك ساقلاپ، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. 


    تاللانغان مەھسۇلات رەسىمى
    ¥59.00
    تاللاڭ:-

    ئوڭ تەرەپ ئۈستىنى بېسىپ

    دوستىڭىزغا يوللاپ بېرىڭ. رەھمەت

    تەشۋىقات ئېلانى چىقىرىش

    رەسىمنى ساقلاش