• ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىن B تابلىتى

    مەھسۇلات نامى: ۋىتامىن B تابلىتى

    ئىتىبار باھا: 130 يۈەن

    ئالاقىلىشىش نومۇرى: 15999455501

    شۆھرەت ئامىسلىم 雪克来提·阿米斯里木

    سودا-سانائەت بانكا كارتا: 238 3968 0201 0230 6222

    يېزا-ئىگىلىك بانكا كارتا: 879 6697 9858 4808 6228

    يېزا-ئامانەت بانكا كارتا: 5215 0183 0820 6210

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! سىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن تاللاپ سېتىۋېلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. سېتىۋالغان مەھسۇلاتىڭىزنىڭ قىممىتى 100 يۈەندىن ئاشسا مال يەتكۈزۈپ بېرىش كىرا ھەققىنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز. شىركىتىمىز ھەركۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 3 دە بىر تۇتاش مال سالىمىز. سىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز ئىچكىرى ئۆلكىدە بولسۇن ياكى ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ چەت يېزا قىشلاقلىرىدا بولسۇن ئوخشاشلا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىمىز. ( 2 كۈندىن 5 كۈنگىچە مال قولىڭىزغا تېگىپ بولىدۇ.)
    سىز سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ پۇلىنى بىۋاستە بىزنىڭ بانكا كارتىمىزغا ئۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ (قىزىل بولاق ئەۋەتىش ئارقىلىق). ئالىپەي ئارقىلىق پۇل تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. 支付宝账号:15999455501 -------
    مەھسۇلات ھەققىدە

    ئاساسلىق تەركىبى: ۋىتامىن B1، B2، B6، B12، يوپۇرماق كىسلاتاسى، نىكوتىن كىسلاتاسى، كالتسىي پانتوتېنات، ئاق شېكەر، گلۇكوزا، ئارپا ئۈندۈرمە تالقىنى، كراخمال، ماگنىي ستېئارات قاتارلىقلار ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتى بولۇپ ئاساسلىقى ۋىتامىن B تۈردىكىلەرنى تولۇقلايدۇ.

    ئاساسلىق رولى: B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.

    ماس كېلىدىغان كىشىلەر: ۋىتامىن B نى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر.

    مىقدارى: 1 قۇتىدا 100 تال تابلىت بار.

    ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: كۈندە 1 تالدىن 1 ۋاق. (ئېغىزغا سېلىپ شوراپ تۈگىتىدۇ)

    ساقلاش ئۇسۇلى: ئېغىزى ھىم ئىتىلىپ سالقىن، قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.

    ۋىتامىن B1 نىڭ ئارخىپى:

    باشقىچە ئاتىلىشى: تىئامىن، نېرۋا ياللۇغىغا قارشى ۋىتامىن.

    ئاساسلىق رولى: بېرىبېرى كېسىلىنى داۋالايدۇ.

    بېرىبېرى كېسىلى ئادەتتىكى مەنىدە ئېيتىلغان پۇت شەلۋەرەش، پۇت سېسىق پۇراش (زەمبۇرۇغ تەرىپىدىن بۇلغىنىش) ئالامىتى بولماستىن، بەلكى فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرخىل ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىك كېسىلىدىن ئىبارەت.كىشىلەر بېرىبېرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، پۇت تېلىپ ئاغرىش، يۈرەك سىقىلىش، نەپەسلىنىشى قىيىنلىيشىش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا بىمارلارنىڭ ئۆتكۈر يۈرەك زەئىپلىشىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

    مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

    ۋىتامىن B1  مېڭە، نېرۋىلارنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ناھايىتى  مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ۋىتامىن B1  نى مېڭىنىڭ ۋىتامىنى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ياخشى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى قوغداش، مېڭىنىڭ چارچىشىنى يەڭگىللىتىشكە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر.

    مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشىنى پەسەيتىدۇ.

    مۇسكۇل ئاغرىشنىڭ دائىم ئۇچرايدىغىنىدىن فىزىئولوگىيىلىك ئاغرىش، ھەرىكەتتىن كېيىن مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشى ۋە مۇسكۇللارنىڭ نېرۋاياللۇغىدىن ئاغرىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلى بار.

    ۋىتامىن B1  چارچاشقا قارشى تۇرۇپ، بەدەن كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

    ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى:

    ۋىتامىن B1  يىنىك دەرىجىدە يېتىشمىسە كۆپ قوزغىلىدىغان نېرۋا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، غەمكىنلىك، تىت-تىت بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    سوزۇلما ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ باشقا يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلالماس بولۇپ قالغاندىمۇ ۋىتامىن B1 يېتىشمەسلىك يۈز بېرىدۇ ۋە بۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىپادىسى نېرۋا ئۇچلىرى ياللۇغى، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىششىق، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ۋىتامىن  B2 نىڭ ئارخىپى

    ئاساسلىق رولى

    تېرىنىڭ ۋىتامىنى دېگەن نامى بار. ۋىتامىن B2 تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش جەھەتتە خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. ئۇ ئورگفنىزمنىڭ يېتىلىشىنى ۋە ھۈجگيرىلەرنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى تېرە، تىرناق، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ۋىتامىن B2 ئاقسىل، شېكەر ھەمدە ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشى ۋە پايدىلىنىشىدىمۇ خېلى مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ، ئۇ بەدەن ئۈچۈن ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇپ بەرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى كۈچەيتىش رولى ياغنىڭ قان ۋە جىگەردە جۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرگە قارىتا ئوكسدلاش-ئوكسىدسىزلاش رولى بولۇپ، پېروكسىدلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا ئارتېرىيىنىڭ قېتىشىشى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    ئېغىز بوشلۇقى، كالپۇك، تىلىنىڭ ياللۇغلىرىنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

    ۋىتامىن B2 ئورگانىزمدىكى ھەرخىل فلاۋىن ئېنزىملىرىنىڭ كوئېنزىم قىسمى بولۇپ، بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش جەريانىدا كەڭ دائىرىدە ھىدروگېن توشۇش رولىنى ئوينايدۇ.

    يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

    ۋىتامىن B2 كەمچىل بولغاندا ئاسانلا جاۋىغاي ياللۇغلىنىش، كىچىك سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىش، يىرىڭداش، تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىپ ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى پەيدا بولىدۇ.

    ۋىتامىن B6 نىڭ ئارخىپى

    باشقىچە ئاتىلىشى: پرىدوكسىن، تېرە ياللۇغىغا قارشى ۋىتامىن.

    ئاساسلىق رولى: ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.

    ۋىتامىن B6 ۋىتامىن B6 يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك داۋالىغاندىن باشقا، ئۇ يەنە ئاياللاردىكى ئانىلىق ھورمۇن ۋە پوستلاق ھورمۇنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنىمۇ تەڭشەيدۇ. بەزى تەتقىقاتلار ۋىتامىن B6 نىڭ ھەيدىن بۇرۇنقى جىددىيلىك يىغىندى ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئاياللاردىكى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەيزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىك يىغىندى ئالامىتى كۆرۈلگەندە، ۋىتامىن B6 نى ئىشلەتسە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. شۇڭا، ۋىتامىن B6 يەنە ئوبرازلىق ھالدا ئاياللارنىڭ ۋىتامىنى دېيىلىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللاردىكى ئاغرىق ياكى بىتابلىق، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان بارماق بوغۇملىرى ئاغرىش، ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، مىجەزى چۇس بولۇش، پۇت-قوللىرىنىڭ يېنىغا سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ياكى ئۇچلۇق تۈگۈنچە ئۆسۈپ قېلىش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەن ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قاتارلىق ئالامەتلەرگە قارىتا، ۋىتامىن B6 نىڭ ناھايىتى ئوبدان داۋالاش رولى بولىدۇ.

    دەسلەپكى مەزگىللىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.

    ۋىتامىن B6 نى يوپۇرماق كىسلاتاسى (ۋىتامىنM) ۋە ۋىتامىن B12 بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسە، ئوخاش تىپلىق سىستېئىن سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەسلەپكى مەزگىللىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، لېكىن ئىشلىتىش مىقدارى كۈنىگە 250 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

    زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    ۋىتامىن B6 ئاقسىلنى ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق ئامىنوكىسلاتاغا پارچىلاش ئارقىلىق ئېنزىملارنىڭ رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە بىرخىل ئانتقتېلا شەكىللەندۈرۈپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ نورمال رولىنى قوغداپ، زىيادە سېزىمچانلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالايدۇ.

    دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار كۈنىگە 60 مىللىگرام (ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ) ۋىتامىن B6 نى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، روھىي ھالىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدىكەن.

    يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

    ۋىتامىن B6 يېتىشمەسلىك كېسىلىنىڭ بەدەن ئىپادىسى، قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە سەل ئوخشاش بولمايدۇ، گەرچە بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىكى دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ۋىتامىن B6 ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاندا، كېيىنكى خىلدىكى كىشىلەردە ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. قۇرامىغا يەتكەنلەردە تۆۋەندىكىدەك بەدەن ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

    قۇرامىغا يەتكەنلەردە ۋىتامىن B6 يېتىشمىگەندە تېرە كېسىلى پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ: دەسلەپكى مەزگىلدە باشتىكى كېپەك كۆپىيىپ، چاچ پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ: كۆز، بۇرۇن، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىدە ياللۇغلىنىش كۆرۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى يۈز قىسمى، پېشانە، قۇلاقنىڭ كەينى تەرىپى، ئۇرۇقدان خالتىسى، شۇنىڭدەك ئەۋرەتكىچە كېڭىيىدۇ. ئايال بىمارلارنىڭ ئەمچىكى ۋە ئەۋرىتى قاتارلىق بەدەندىكى نەمرەك تۇرىدىغان ئورۇنلاردا يەنە تېرە شەلۋەرەش كۆرۈلىدۇ.

    ئەگەر ۋىتامىن B6 يېتىشمىسە، كىچىك ھۈجەيرىلىك سۇس رەڭلىك قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ، ماددا ئالماشتۇرۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بىماردا مۇسكۇللىرى يىگىلەش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، شۇنىڭدەك نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئاسان چېچىلىدىغان، غەمكىن، چىراي ئىپادىسى يوق، ئۇيقۇسىرايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بولۇپمۇ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش-كۆپىيىش سىستېمىسىدا ئاسان يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ.

    ۋىتامىن B6 يېتىشمىسە يەنە قەدەم ئېلىشى قىيىنلىشىش قاتارلىق ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىدا غەيرىيلىك كۆرۈلۈپ، بىمار ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولىدۇ، يەنە ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

    ۋىتامىن B6 ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقتىن، ۋىتامىن B6 كەمچىل بولغاندا، ياغلارنىڭ ماددا ئالمىشىشى تۆ”ەنلەپ، شۇنىڭ بىلەن ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى كېلىپ چىقىدۇ.

    كىچىك بالىلاردىكى بەدەن ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

    كىچىك بالىلارنىڭ ۋىتامىن B6 يېتىشمەسلىككە چىداش ئىقتىدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نېرۋا سۆڭەك قاتارلىق سىستېمىلىرى تېز يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۆسۈش سۈرئىتى تېز، ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشى تېز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋىتامىن B6 گە بولغان ئېھتىياجىمۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن نىسپىي ھالدا يۇقىرى بولىدۇ.

    قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ۋىتامىن B6 يېتىشمىسە، تېرە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يەنە ھەمىشە تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىرى بولىدۇ؛ تىت-تىت بولۇش، مۇسكۇللىرى تارتىشىش، قورقۇپ ھۇشسىزلىنىش؛ قىسمەن بىمارلاردا  قورساق ئاغرىش، قۇسۇش كۆرۈلىدۇ، سۈيدۈكى تەركىبىدە سىرتقا چىقىرىۋېتىلىدىغان ۋىتامىن B6 ماددىلىرى (پىرىدوكسىك كىسلاتا، پىرىدوكسىن) يوق دېيەرلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇس رەڭلىك قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ.

    كىچىك بالىلاردا ۋىتامىن B6 يېتىشمىسە، يەنە روھىي كەيپىياتىدا ئېغىر قالايمىقانلىشىش يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، قورقۇنچاقلىق، باشقا بالىلارنىڭ نورمال قىلىقلىرىغا ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك ۋە قىزىقماسلىق قاتارلىقلار.

    تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ۋىتامىن B6 يېتىشمىگەندە، يەنە داۋاملىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىۋەرسە، ۋىتامىن B6 يېتىشمەسلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    ۋىتامىن B12 نىڭ ئاساسلىق رولى:

    يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، تەركىبىدە ۋىتامىن B12 بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ياكى ۋىتامىن B12 ياسالمىلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرگەندە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.

    يەللىك بوغۇم ئاغرىقى يېمەكلىك تەركىبىدىكى پۇرىن تەنچىسى، شۇنىڭدەك بەدەندىكى يادرو كىسلاتاسىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان پۇرىن تەنچىسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىتالىيە مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندىن باشقا، يەنە ۋىتامىن B12 بىلەن يوپۇرماق كىسلاتاسىنى بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ۋاستىلىك ھالدا داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    چۈنكى يوپۇرماق كىسلاتاسى (ۋىتامىن M) يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇرىن تەنچىسىنى ئازايتىدۇ، قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ۋىتامىن B12 بولسا يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ رولىنىڭ ئوڭۇشلۇق جارى قىلدۇرۇلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ تەكرار پايدىلىنىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

    يۇلۇننى، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى قوغدايدۇ.

    ۋىتامىن B12 قىزىل رەڭلىك كرىستال بولۇپ، ئۇ يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن بىللە يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇلۇن، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى قوغدايدۇ.

    بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ۋىتامىن B12 ئامىنو كىسلاتانىڭ، بولۇپۇ مېتئونىن ۋە گلۇتامىك كىسلاتانىڭ بىئولوگىيىلىك بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرخىل ئاقسىللارنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىگە قارىتا مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن B12 كەم بولسا بولمايدۇ.

    قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قايتىدىن ئاكتىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى: قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ.

    ۋىتامىن B12 يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىقغان قان ئازلىق كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، چاچ شالاڭلىشىپ سارغىيىش، باش قېيىش، روھسىزلىنىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، كۆز ۋە تېرە سارغىيىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئېغىر بولغاندا يەنە جىگەرنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىپ، ئورگانىزمنىڭ قان ئىشلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەتتا ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، بەزىدە بەدەننىڭ ئوخاش بولمىغان ئورۇنلىرى تۇرۇپ تۇرۇپ ئاغرىش، پۇت-قول بارماقلىرى سىرقىتاپ ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

    ئادەتتە، ۋىتامىن B12 يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن بىللە قان ھاسىل قىلغۇچى ۋىتامىن دەپ ئاتىلىدۇ.

    ناۋادا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېلىپ چىقسا، جىددىيلەشمەي، يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن ۋىتامىن B12 نى بىللە ئىستېمال قىلىش لازىم.

    ۋىتامىن B12  كەم بولغاندا نېرۋا سىستېمىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ. جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر يېتىدۇ.

    ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    مەسلىھەت سوراش تېلېفون ۋە ئۈندىدار نومۇرى: 15999455501--13899924382

    ئىشخانا تېلىفون نومۇرى: 2500201-0991

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • تەبىئىي بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
    تەبىئىي بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
  • قان شېكەرنى تۇراقلاشتۇرۇش كاپسۇلى
    قان شېكەرنى تۇراقلاشتۇرۇش كاپسۇلى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
    تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • گېمروي مەلھىمى
    گېمروي مەلھىمى
  • كۆپ خىل ۋېتامىنلىق ئاقسىل تالقىنى
    كۆپ خىل ۋېتامىنلىق ئاقسىل تالقىنى
  • مەزى بېزى كاپسۇلى
    مەزى بېزى كاپسۇلى
  • ئۇيغۇرچە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ئۇيغۇرچە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • مىيىپلار ۋە ياشانغانلار ھارۋىسى
    مىيىپلار ۋە ياشانغانلار ھارۋىسى
  • كۆپ ئىقتىدارلىق بىمارلار كارۋىتى
    كۆپ ئىقتىدارلىق بىمارلار كارۋىتى
  • ساپ مىستىن ياسالغان ھاۋانچا
    ساپ مىستىن ياسالغان ھاۋانچا
  • 5 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
    5 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
  • 3 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
    3 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ئاپتۇماتىك ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    ئاپتۇماتىك ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
    پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
  • مەھسۇلاتقا باھا بىرىش

    رامىلە:17-09-17 00:22

    مەن  يەنە 2 قۇتا ئالاي . كۈندە ۋىتامىن ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالدىم. 

    جاۋاب: بولىدۇ

    ئەركىنجان:17-06-18 00:47

    مەنمۇ ۋىتامىن B تولۇقلىمىسام قەتئىي بولماپتۇ. مەنمۇ بىرنى زاكاس قىلاي.

    جاۋاب: بولىدۇ. پۇل سېلىۋېتىپ تېلېفون قىلىۋېتىڭ. 

    تەخەللۇس: (چوقۇم تولدۇرسىز)

    تەستىق كودى:

    ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号