• ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • پىننە شىپالىق رولى
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 12:24 13-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 1679
    دىئابېت كاپسۇلى

    ئەرەپچە نامى: نەئىنا

    خەنزۇچە نامى: 藿香

    تونۇش: بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك باغ پىننىسى ۋە ياۋا پىننىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت. 

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. 

    شىپالىق رولى: ھەممە خۇسۇسىيەتلىرى پۇدىنىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، بەدەننى قىزىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، سوغۇق ماددىلارنى تارقىتىش، كاناي ۋە كۆكرەكتىكى ھۆللۈكنى تازىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، قان تۈكۈرۈش، يۈرەك ئاغرىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ھېق تۇتۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش، باھنىڭ ئاجىزلىقى، بوۋاسىر، ئۇرۇقدان ئىششىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پىننە ئۇسارىسىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتسا ئاغرىقنى توختىتىدۇ، بۇ ئۇسارىنى قىزىلگۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا بۇرۇنغا چىققان خانازىرغا ناھايىتى ئوبدان پايدا قىلىدۇ. بۇ ئۇسارىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، قان تۈكۈرۈش ۋە تۈكۈرۈكتە قان كېلىشكە پايدا قىلىدۇ. پىننىنى پىرسىياۋشان بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، يۈرەك ئاغرىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ ھەمدە تۇتۇش قۇۋۋىتىنى زىيادە قىلىدۇ. ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئاشقازاندىكى يەلنى ۋە كېكىرىكنى تارقىتىدۇ، يەلدىن بولغان قۇلۇنجىنى يوقىتىدۇ. ھەرخىل ئۈچەي قۇرتلىرىنى يوقىتىدۇ. سىركە بىلەن ئىشلەتسە قان تۈكۈرۈشنى يوقىتىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئاشقازان كىرىش قىسمىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، كىشمىش بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسە ئۇرۇقدان ئىششىقى ۋە ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ، پىننىدىن سۇفۇپ تەييارلاپ جخنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن بۇرۇنغا ھەمەل قىلسا ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

    ئىشلىتىش مىقدارى: ئالتە گرامغىچە.

    زىيانلىق تەسىرى: يەل پەيدا قىلىدۇ، گالنى قىچىشتۇرىدۇ. 

    تۈزەتكۈچىسى: كەرەپشە.

    ئورۇنباسارى: يالپۇز (پودىنە)

    چىقىش ئورنى: ئېلىمىز جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • گېمروي مەلھىمى
    گېمروي مەلھىمى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • يۈۋېل تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ئاپىراتى
    يۈۋېل تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ئاپىراتى
  • تۇمانلىتىپ داۋالاش ئاپىراتى (2)
    تۇمانلىتىپ داۋالاش ئاپىراتى (2)
  • تۇمانلىتىپ داۋالاش ئاپىراتى (1)
    تۇمانلىتىپ داۋالاش ئاپىراتى (1)
  • پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
    پۇت ئۇۋۇلاش-قىزىتىش ماشىنىسى
  • مىيىپلار ۋە ياشانغانلار ھارۋىسى
    مىيىپلار ۋە ياشانغانلار ھارۋىسى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号