چارتال مېۋىسىنىڭ شەكلى چارتارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. چارتال مېۋىسى خۇش پۇراقلىق، سەل چۈچۈمەل تەملىك بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ خۇەيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا چىقىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
چارتال تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن C، ئامىگدالىن، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، ناترىي، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
چارتال ھەزىم بەزلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھانى كۈچەيتىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئىسسىقنى تۈگىتىش رولى بار.
چارتال ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ھەرخىل يۆتەللەرگە شىپا بولىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش رولى بار بولۇپ، چارتالنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
چارتال يوپۇرمىقىنى سايىدا قۇرۇتۇپ چاي ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىسسىقنى تارقىتىپ، يەلنى ھەيدەش، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، توسالغۇلارنى ئېچىش رولى بار، ئۇ قەي قىلىشنى توختىتىشتىكى ئېسىل بۇيۇم بولۇپ، ھەرخىل قۇسۇش، ھېق تۇتۇشلارنى قوشۇمچە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
چارتال مېۋىسى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىنىدۇ، يەنە ئۇنىڭدىن مېۋە ھارىقى، كونسېرۋا، مۇراببا قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ. چارتال كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ھۆللۈكنى ئاشۇرۇپ، بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭدىن بەلغەملىك قىزىتما كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا چارتالنى زىيادە ككپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
چارتال تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى يۇقىرى، دىئابېت كېسىلى بارلار ئۇنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. چارتال مېغىزى زەھەرلىك، ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. تېلى زەئىپلەشكەنلەر، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر چارتال ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号