ئۆرۈك مېغىزى
ئۆرۈك مېغىزى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ۋە تاتلىق ئۆرۈك مېغىزى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئادەتتە دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. ئۇنىڭ ئازراق زەھىرى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنى پارچە-پۇرات يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
ئۆرۈك مېغىزى ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۆرۈك مېغىزىنىڭ مۇئەييەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار بولۇپ، تېرىنىڭ مىكرو قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى قىزىل ھەم سىلىق قىلىدۇ.
ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى يۆتەلنى توختىتىپ، دېمى سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكە كېسىلى، يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ.
تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئۆرۈك مېغىزى بولۇپمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش، خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ تۇغۇتلۇق ئاياللار، كىچىك بالىلار، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۆرۈك مېغىزى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنى ياغدا قورۇۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئامىگدالىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەكىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاپ، نەپەسلىنىشنىڭ پالەچلىنىشنى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆرۈك مېغىزىنى قورۇۋەتكەندىن كېيىن، زىيانلىق ماددىلار پارلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ ياكى ئېرىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
ئۆرۈك مېغىزىدىن ئىچىملىك تەييارلاپ ياكى ئۇنى بىر قانچە قېتىم سۇغا چىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلغاندا، بىخەتەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号