مىنېرال ماددا فوسفورنىڭ ئارخىپى
ئېلېمېنت بەلگىسى: P
تۈرى: ماكرو ئېلېمېنت
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: فوسفور ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى جەھەتتە كالتسىيدىنلا كېيىن تۇرىدىغان مىنېرال ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى تەخمىنەن %80 فوسفور، كالتسىي بىلەن بىرىككەن سۆڭەك ۋە چىشتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، قالغىنى ئاقسىل، ياغ، شېكەر ۋە باشقا ئورگانىك ماددىلار بىلەن بىرىكىپ، ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە تارقالغان بولىدۇ.
ئاساسلىق رولى: ھۈجەيرىلەرنى قوغدايدۇ، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلار، ھورمۇنلار ۋە بىرىكمىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇ. رۇشىغا ياردەم بېرىدۇ (فوسفور B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە جارى قىلغۇزىدۇ).
كالتسىي بىلەن ماسلىشىپ سۆڭەك ماددىسىنى تەشكىل قىلىدۇ ھەمدە سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقى ۋە كۈچلۈكلۈكىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ، فوسفور بىلەن كالتسىي چىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ قاتتىقلىقىنى ساقلاشقا نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئادەتتە كىشىلەر كالتسىينىڭ سكڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم مىنېرال ماددا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما مۇۋاپىق مىقداردىكى فوسفورنىڭ كالتسىي بىلەن تەسىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان كالتسىي فوسفاتنىڭ ئاندىن سۆڭەك ۋە چىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەركىبىي ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز.
قاندىكى ياغ بىلەن بىرىكىپ، فوسفاتىد دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل بىرىكمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ خىل بىرىكمە پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرە پەردىلىرىدە قۇرۇلمىلىق ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ياغنى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىنى تەمىنلەيدۇ.
ئادەم بەدىنىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ھەمدە چارچاشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.
سۈيدۈكنى كىسلاتالاشتۇرۇپ، بۆرەكنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ، ياغ ۋە شېكەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا ياردەملىشىدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى: بەدەن ئاجىزلاپ، ئاسان چارچاش، مۇسكۇللار ئاغرىش، ئىشتىھا ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، راخىت كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى ۋە چىش مىلىكى يىرىڭداش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى: ئۇزۇن مۇددەت ئاليۇمىن ھىدروكسىد (بىرخىل كىسلاتا تىزگىنلىگۈچى دورا) ئىستېمال قىلغان بىمارلار: بۇنداق بىمارلار ئىستېمال قىلغان ئاليۇمىن ھىدروگسىد ئادەم بەدىنىنىڭ فوسفورنى شۈمۈرۈشنى تورمۇشلاپ، ئادەم بەدىنىدە فوسفور يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر فوسفورنى ئالاھىدە تولۇقلىشى زۆرۈر.
بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار: فوسفور بوغۇم ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان ئاغرىقنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەر فوسفورنى مۇۋاپىق تولۇقلىشى زۆرۈر.
سۆڭىكى سۇنۇپ ساقىيىۋاتقانلار: بۇنداق كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكتىن فوسفورنى كۆپرەك قوبۇل قىلسا، سۇنغان سۆڭەكنىڭ ساقىيىپ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ.
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
بېلىق، ئورۇق گۆش، ئىنچىكە پىششىقلانمىغان دانلىق ئاشلىق، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇتۇلغان مېۋە ھەمدە ھەرخىل ئۇرۇقلار قاتارلىق بارلىق تەبئىي يېمەكلىكلەر. مىنېرال ماددا فوسفورنى ئىستېمال قىلغاندا، تۆمۈر، ئاليۇمىن، ماگنىي قاتارلىقلارنى زىيادە ككپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم، بولمىسا فوسفورنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىۋېتىدۇ.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
فوسفورنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى 12 گرامدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئادەم بەدىنىدە زەھەرلىنىش پەيدا قىلىدۇ ۋە ئاسانلا قاندا كالتسىي تۆۋەنلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، باشقا مىنېرال ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق ھەرىىل كالتسىي يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
روھسىزلىق ھەتتا روھىي جەھەتتە خاراب بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
فوسفور ھەرخىل يېمەكلىكلەر ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغانلىقتىن، قوبۇل قىلىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز، ئەكسىچە فوسفور قوبۇل قىلىشنى تىزگىنلەش، ھەتتا مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. مەسىلەن، كوكاكولا ئىچىملىكى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا فوسفات كىسلاتا بار، فوسفور چەكتىن ئارتۇق قوبۇل قىلىنغانلىقتىن، كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش لازىم.
تۆمۈر، ئاليۇمىن، ماگنىي چەكتىن ئارتۇق قوبۇل قىلىنغاندا، فوسفورنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىۋېتىدۇ.
ياغلىق يېمەكلىكلەر فوسفورنىڭ بەدەنگە شۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە بەدەندىكى كالتسىي مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号