ئېغىز بوشلىقى يارىسى. ۋىتامىن E قىل قان تومۇر ۋە كىچىك قان تومۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، جاراھەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاپ كىتىش. جىگەرنى ماي قاپلاپ كىتىش جەريانى ماينىڭ ئوكسىدلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقا، ۋىتامىن E بولسا بىر خىل دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ياخشى دورا. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە %43كىشى ئىسپىرىتسىز جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش كېسىلىگە گىرپتار بولىدىغان بولۇپ، بۇخىل كېسەلگە گىرپتار بولغۇچىلار ۋىتامىنE نى ئىشلەتكەندە كېسەللىك ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنش بولىدىكەن.
ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك. جىمغورلۇق كېسىلى بولسا ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان دېۋەڭلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئوكسىدلىنىش بېسىمى ۋە تېلمومىرنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆزگۈرۈشى ئۇنىڭدىكى مۇھىم ئالاھدىلىك ھىساپلىندۇ. ۋىتامىن E نى ئىشلىتىپ 6 ئايدىن كىيىن جمغۇرلىق كېسىلىگە گىرپتار بولغۇچىلاردا ئوكسىدلىنىش بېسىمى يىنكلەيدۇ، ئەڭ قىسقا تېلمومىرنىڭ ئوكسىدلىنىش بېسىمى تېخىمۇ سەزگۈرلىشىدۇ.
بوۋاسىر. جاھىل خارەكتىرلىك بوۋاسىردىن باشقا ھەر قانداق ئادەتتىكى بوۋاسىرنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرماي داۋالىسا بولىدۇ. ۋىتامىن E ئارقىلىق بوۋاسىرنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى سىناپ باقساق بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەر قېتىمدا 50 مىللىگىرامدىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئادەتتە مىقدارى ھەر كۈنى 100 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۈزۈلدۈرمەي 2-3 ئاي ئىشلەتكەندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى بىر ئاي توختىتىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号