• ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى
  • · ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى
  • · ئەيدىزنىڭ 4 قەدەم باسقۇچلىرى
  • · قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز يۇقىدۇ
  • · كۆپ جىنسىي ھەمراھى بولۇش
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (1)
  • · ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ئۈزۈۋېتىش
  • · ئەيدىز ۋىروسى
  • · جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (2)
  • · ئەيدىز
  • · ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (3)
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (4)
  • · ئەيدىز ۋىروسىدىن بولغان تىبۇركىليۇز
  • · قىزىل لېنتا
  • · زەھەرلىك چېكىملىككە يېقىن يولىماڭ
  • · ئوخشاش جىنىسلىقلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە
  • · ئەيدىز يۇقۇش يوللىرى
  • · زەھەر ئىستىمالىدىكى خەتەرلىك قىلمىشلار
  • · بويىغا يەتكەن قىزلاردا ئەيدىز كېسىلى بىلەن
  • · مىتادون بىلەن زەھەر چەككەنلەرنى
  • · ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتىن ئالدىنى ئېلىش مۇھىم
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10 ساۋات
  • · ئەيدىز ۋىروسى بىلەن ئەيدىزنىڭ پەرقى
  • · ئەيدىزنىڭ كېلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ
  • · سۈيۈشۈشتىن ئەيدىز يۇقامدۇ ؟
  • · ئەيدىزنىڭ قاندىن يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
  • · پاشا نىمىشقا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرالمايدۇ ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىدە كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلەر
  • · ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرتۈش ئۇسۇللىرى
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى
  • · ئەيدىز قانداق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى قانچىلىك بولىدۇ
  • · زەھەر-ئەيدىز-مەسچىت
  • · ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ
  • · ئەيدىز كېسىلى ئاياللاردىن كۆپ يۇقىدىكەن
  • · ھەمجىنىسلىق كېسىلى ۋە ئەيدىز
  • · ئەيدىز ھەققىدە مەسلىھەت
  • · ئەيدىزنى يوشۇرۇش
  • · ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىن قانداق بۆسۈپ ئۆتىدۇ؟
  • · ئەيدىزدىن مۇنداقمۇ يۇقۇملىنىش بولىدۇ
  • زەھەر-ئەيدىز-مەسچىت
    مەنبە: نۇر تورى يوللانغان ۋاقتى: 15:46 11-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 1172
    دىئابېت كاپسۇلى

    زەھەر بىلەن ئەيدىز ھىچقايسىمىز يۇلۇقۇشنى خالىمايدىغان ئىجتىمائىي ئاپەت. ئەمما خىلمۇ-خىل زەھەرلەرنىڭ تالاپىتىگە بالىلار، ياشلار، ئاتا-ئانىغا ئايلانغانلار داۋاملىق ئۇچراۋاتىدۇ. ئەيدىزمۇ قېرى-ياش، دېھقان-خىزمەتچى، تىجارەتچى-ئوقۇغۇچى، توي قىلغان-قىلمىغان دىمەي پۇتلاشقاننى ئىزدەپ چاپلىشىپ يۈرىۋاتىدۇ. قانۇنلۇق زەھەر ھاراق، تاماكا، قاتارلىقلاردىن باشقا قانۇنسىز زەھەرلەر نەشە، ئەپيۇن، خىروئىن، كوكايىن قاتارلىق زەھەرنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپىيىپ، يەنە چۇمادۇ، مۇزسىمان زەھەر، باش چايقىتىش كومىلىچى، K تالقىنى، ماگۇ، ئەۋلىيا سۈيى دېگەندەك زەھەرلەرمۇ ئادەملەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ھەر خىل ياشتىكى ئادەملەر زەھەرگە بىلمەسلىك، ئالدىنىش، قىزىقىش، خۇمار بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كىرىشىپ قېلىپ خۇمارنىڭ دەردىنى تارتىشىۋاتىدۇ. زەھەرگە ئۆگىنىش سەۋەبلىك بالىلار مەكتەپتىن قېلىۋاتىدۇ، ئائىلە-نىكاھ بۇزۇلىۋاتىدۇ، ئاتا-ئانىسى بار يىتىم بالىلار كۆپىيىۋاتىدۇ. زەھەرنىڭ قۇلىغا ئايلانغانلار ئەخلاق ۋە قانۇنغا پىسەنت قىلماي، تېنىنى سېتىۋاتىدۇ، ئوغرىلىق-بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئاتا-ئانىلىرىنى قاقشىتىپ ئۇلارنىڭ تاپقان-تەرگىنىنى سىرى-سۈپۈرۈپ قاق-سەنەم قىلىپ قۇيۇۋاتىدۇ. خۇماردىن باشقىنى ئويلاپ يېتەلمەي زەھەر ئوكۇلىنى ئورتاق ئۇرۇپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىۋاتىدۇ، تېخى ئەيدىزنى ئائىلىدىكى ھەمرايىغا ھەم تۇغۇلغۇسى بالىلىرىغا يۇقتۇرىۋاتىدۇ. خۇمارغا چىدىماي زەھەرنى ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋېلىپ ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ قېلىۋاتىدۇ. بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئانىلار، ھەمرايىدىن ئايرىلغان ئەر-ئاياللار، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلغان بالىلار ھەسرەت-نادامەت، ئازاب-ئوقۇبەتتە چىدىماي تولغىنىۋاتىدۇ، ئەلەمدە مۇڭلىنىۋاتىدۇ...

    يەنە زەھەر ساتىدىغانلار زەھەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ جىسمى-روھىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ زەھەر ئىستىمال قىلىشىنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋاتىدۇ؛ زەھەر ساتىدىغانلار ھاجەتمەنلەرنى، پۇلدارلارنى، كاتتىلارنىڭ بالىلىرىنى ئالداپ-گوللاپ، زورلاپ-مەجبۇرلاپ، ئىززەت-غۇرۇرىغا تىگىپ زەھەرگە پۇتلاشتۇرىۋاتىدۇ، ئۆگىتىۋاتىدۇ، كىرىشتۈرۈپ خۇمار قىلىپ داۋاملىق زەھەر سېتىپ ھارام يولدا پۇل تېپىشقا بازار ئېچىۋاتىدۇ.

    ئاساسەن خاتالىقتىن، مەينەتچىلىكتىن، ئەخلاقسىزلىقتىن ھەم قىسمەن تەسادىپىيلىقتىن پەيدا بولىدىغان ئەيدىزمۇ يۇقۇملانغان، گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى ئۆمۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلماقتا. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، كۆپىنچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار ساقايماس ئەيدىزنى ئۆزلىرى ئىزدەپ تاپماقتا، يەنى ئۇلار ئەيدىزنىڭ تارقىلىش مۇھىتىغا، يۇقۇش ئېھتىماللىقىغا خەۋەرسىز ھەم پەرۋاسىز ھالەتتە قارىماقتا. خۇددى ئەيدىزنىڭ نەدە قانداق يۇقۇدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان، چۈشەنمەيدىغان، بىلمەيدىغان كىشىلەر بىز ئۇيغۇرلاردا نىسبەتەن كۆپتەك، پەقەت زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرىدىغانلار ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتسىلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى كىلىپ چىقىدۇ، ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەركىنلىكى بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى بولمايدۇ دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئەتراپىمىزدا ئاز ئەمەستەك. شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىرىدە زەھەر ئۇكۇلىنى ئورتاق ئۇرۇشتىن نىكاھ سىرتىدا قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىشنىڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەپ كىتىۋاتقانلىقىدىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىخەۋەر تۇرىۋاتقانلىقى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشلەرنى كۈنسىرى كۆپەيتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن خالىغانچە ئېلىپ بارىدىغان جىنسى قىلمىشىدىن ئۆزلىرىگە ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىشى ئەرلەر ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. جىنسىيەت ئەركىنلىككە، بازارغا، كۆڭۈل ئېچىشقا يۈزلەنگەن جەمىيەتتە، بولۇپمۇ، ئەرلەر جىنسى مۇلازىمەتنى سېتىۋالىدىغان، ئاياللار جىنسى مۇلازىمەتنى ساتىدىغان ئەھۋالدا، ساتقۇچىدىن سېتىۋالغۇچىنىڭ ئەركىنلىكى كۆپ بولىدۇ. يەنى، جىنسى مۇلازىمەتنى سېتىۋالىدىغان ئەرلەر تاللاش ھەم قارار قىلىش جەھەتتە ئۈستۈنلىككە ئىگە بولۇپ، ئادەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋىتىدە ئەرلەر زورلۇققا، مەجبۇرلىققا ئۇچرىمايدۇ. مەسىلەن: بەش نەپەر ئەر بىر ئايالدىن ئارقا-ئارقىدىن نەپسىنى قاندۇرالىشى مۇمكىن، ئەمما بەش نەپەر ئايال بىر ئەردىن ئارقا-ئارقىدىن نەپسىنى قاندۇرالىشى ناتايىن. يەنى، جىسمانى كۈچ جەھەتتىن ئەرلەر ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلالايدۇ، ئەمما ئاياللار ئەرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلالمايدۇ، بەلكى ئەرلەرنى ئازدۇرالايدۇ، ئالدىيالايدۇ. دىمەك، نېمە دىمەكچى دېگەندە، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتنى تاللاش-تاللىماسلىقى ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلكىدە. ھەممىمىزگە مەلۇم، جىنسى مۇلازىمەتنى سېتىۋالىدىغان پاھىشىخانىلاردىمۇ ئاياللار بولۇپ، ئەرلەر پاھىشىخانىسى دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم. (بەلكىم، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ شۇنداق ئورۇنلىرى بولۇشى مۇمكىن.)

    ھەممىمىزگە مەلۇم، مەسچىت ئاممىۋى جامائەت سورۇنى. بىز ئۇيغۇرلاردا مەسچىتكە ئەرلەر يىغىلىدىغان بولۇپ، ھەپتىلىك جۈمە نامازلىرىدا شەھەر-بازارلارنىڭ مەسچىتلىرىگە مىڭلاپ ئەرلەر يىغىلىدىغان بولۇپ، ناماز باشلىنىشتىن بىر-ئىككى سائەت بۇرۇن ئىمامنىڭ قىممەتلىك تەلىم-تەلىماتلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزلىگىدىن ئىشلىرىنى تاشلاپ ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ مەسچىتكە بالدۇر كېلىپ ئولتۇرىدۇ. شۇنداقلا، قايسى مەسچىتنىڭ ئىمامىنىڭ نۇتۇقى ئەڭ ياخشى بولسا، شۇ مەسچىتكە يىغىلىدىغانلارنىڭ كۆپلىكى ھەممىمىزگە ئايان.

    زەھەر چېكىدىغانلار بولسۇن، بەچچىۋاز ھەمجىنىسلار بولسۇن، پاھىشىخانىلارغا يۈگرەيدىغانلار بولسۇن، ئاساسەن ئەرلەر بولۇپ، مەسچىتكە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان ھەرقانداق ئەرلەر كىرىۋېرىدۇ. شۇڭا، مەسچىت ئەرلەرگە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ناھايىتى مۇھىم جامائەت سورۇنى. دېمەك، مەسچىت ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەرلەرگە ئىدىيە-ئەخلاق، مەدەنىيەت-مائارىپ، تۇرمۇش-ئىقتىساد، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش، ئائىلە-جەمىيەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش جەھەتلەردە، جۈملىدىن زەھەر بىلەن ئەيدىزدىن قانداق يىراق تۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئەرلەرنى تەربىيەلەيدىغان، يىتەكلەيدىغان ناھايىتى مۇھىم جامائەت سورۇنى. 

    مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن، مەسچىت ئاممىۋى دىنى سورۇن. دىن ھاياتلىقنىڭ قەدىر-قىممىتى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، كىشىلەرنى توغرا-خاتانى پەرىقلەندۈرۈشكە يىتەكلەيدۇ، ئادەملەرگە ئىشەنچ-ئېتىقاد، ئارزۇ-ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. ھاياتلىقنى چۈشكۈنلىكتىن، مەينەتچىلىكتىن، ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خاتا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ھەم خاتا ئىشلارنى توسماسلىقنى گۇناھ ئۆتكۈزۈش دەپ قارايدۇ. 

    قىسقىسى، زەھەرگە خۇمار بولۇش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ھىچكىم خالىمايدىغان ئەھۋال بولغاچقا، ئۇنىڭدىن قانداق يىراق تۇرۇشنى مەسچىتتىن ئىبارەت ناھايىتى مۇھىم بولغان ئاممىۋى دىنى سورۇندا خۇددى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ كىتىدىغان دىنى ئېتىقاد تەربىيەسىدەك ئورنىتىۋېتىش ئۈچۈن، تەشۋىقات-تەربىيەنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ دائىم سۆزلەيدىغان مەزمۇنغا ئايلاندۇرىۋېتىش كېرەك. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • قان بېسىم چۈشۈرۈش چېيى
    قان بېسىم چۈشۈرۈش چېيى
  • دىئابېت چېيى
    دىئابېت چېيى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • گېمروي مەلھىمى
    گېمروي مەلھىمى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • ئۆزلىكىدىن قىزىتىدىغان تىزلىق
    ئۆزلىكىدىن قىزىتىدىغان تىزلىق
  • ئۆزلىكىدىن قىزىتىدىغان بەللىك
    ئۆزلىكىدىن قىزىتىدىغان بەللىك
  • ياپۇنىيە ئوكسىگىن ماشىنىسى
    ياپۇنىيە ئوكسىگىن ماشىنىسى
  • سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى
    سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى
  • توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
    توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号