• مەزى بېزى ئېلانى
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • خام دورىلار
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • يىمەك-ئىچمەك، گۆش-كۆكتات
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • سۆگەت 柳树
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 23:16 01-03-18 يازما ئاۋاتلىقى: 11346
    دىئابېت كاپسۇلى

    خەنزۇچە نامى: 柳树

    تونۇش: بۇ تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان ھەممىگە مەشھۇر بولغان دەرەخ سۆگەت بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ شېخى، يوپۇرمىقى، ئۇرۇقى ۋە پوستى قاتارلىقلار دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    تەبىئىتى: گۈلى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق، يوپۇرمىقى قۇرۇق سوغۇق، ئۇرۇقى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

    شىپالىق رولى: ھارارەت پەسەيتىش، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش.

    ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى، لىمفا سىلى، رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، شاپاق يارىسى، تۈتۈ قۇرت، ئۆتكۈر بادامسىمان بەز ياللۇغى، يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، مۇپاسىل، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، تامغاق ۋە كېكىردەك ياللۇغى، بالىياتقۇ ياللۇغى، چىيقان قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:  سۆگەت شېخىنىڭ ئۇسارىسىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچسە بەلغەم، سەپرا، سەۋدانى سۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇتقاقلىق كېسەل ۋە تەپلەر ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، يەرقان ۋە تالنىڭ قاتتىقلىقىنى يوقىتىدۇ، بالىياتقۇنىڭ ئېغىزىنى ئاچىدۇ، مۇپاسىل ۋە كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى، چايان چاققان ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، ئۇسارىسى قۇلاققا تېمىتىلسا قۇلاقنىڭ كىرلىرىنى تازىلايدۇ. بۇنىڭ يوپۇرماق ۋە شاخلىرىنى قاينىتىپ ئىلمان ھالدا سۈيىدە ئولتۇرسا ئەزالارنىڭ ئۆزگىرىشىنى يوق قىلىدۇ، بۇنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى تېگىگە سېلىپ ئۇخلىسا جىگەر ۋە يۈرەكنىڭ قىزىقلىقىنى يوقىتىدۇ، سۆگەتنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ كۆزگە چاپسا كۆزنىڭ چانىقىغا يەتكەن زەھەرلەرگە پايدا قىلىدۇ، قاننى توختىتىدۇ، سۆگەتنىڭ ھۆل يوپۇرمىقنى چاينىسا ياكى مۇۋاپىق مىقداردا ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچسە قان خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشكە پايدا قىلىدۇ، بۇنىڭ پار سۈيى قىزىق خاپىغان، چېچەك ۋە باشقا ئۆتكۈر قىزىتمىلارغا پايدا قىلىدۇ، سۆگەت قوۋزىقىدىن ياسالغان ياسالمىلار ئىچ سۈرۈشنى توختاتقۇچى ۋە قىزىتما پەسەيتكۈچى، مەددە چۈشۈرگۈچى، قان توختاتقۇچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇندىن باشقا سۆگەت قوۋزىقى بەزگەك كېسىلىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. سۆگەت قوۋزىقىنىڭ قاينىتىلمىسى ياكى تالقىنى چىيقان قاتارلىق جاراھەتلەر ۋە يىرىڭ يىغىلغان خالتىلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: مۇۋاپىق مىقداردا سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ، ئىچىدىن يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 25-60 مىللىگرامغىچە بېرىلىدۇ.

    زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

    تۈزەتكۈچىسى: گۇلاب، شېكەر.

    ئورۇنباسارى: خېنىگۈلى، نېلۇپەر.

    چىقىش ئورنى: شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

    قوشۇمچە: سۆگەت دەرىخىنىڭ ئستىدىن ئۈنۈپ چىققان پور (يەر مەدىكى) ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، يەللەرنى تارقىتىدۇ.

    سۆگەتنىڭ شېخى ۋە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى سوغۇق ۋە زەھەرسىز بولۇپ، سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىدە قاينىتىپ يۇيۇپ بەرسە پايدا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قايناتقان سيى بىلەن يەلدىن بولغان ئىششىقلارنى ۋە قىچىشقاقلارنى يۇيۇپ بەرسە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. كلاسسىك كىتابلاردا سۆگەت شېخى ۋە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزسە سېرىقكېسەلنى داۋالايدۇ. ئاغرىق پەسەيتىپ ئىشىقلارنى قايتۇرىدۇ. ئۇنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپ ئىچكۈزسە ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. قاتتىق تولغان كېسىلىگىمۇ پايدا قىلىدۇ. سۆگەتنىڭ قۇرۇغان يوپۇرماقلىرىنى سوقۇپ ئىچكۈزسە، سىل كېسىلىدىكى قان تۈكۈرۈشنى داۋالايدۇ ھەم نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىپ كۆكرەك چىڭقىلىشلارنى يوقىتىدۇ. سىرتتىن تېڭىلسا يارىدىن چىققان قاننى توختىتىدۇ ۋە ئىششىق قايتۇرىدۇ.

    سۆگەت ئۇرۇقى ( بۇ چېچەك چىقارغان شاخنىڭ ئۇچىدىكى قاتتىقراق چېچىكى) بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، ئۆزى زەھەرسىز بولۇپ جاراھەتلەرنى داۋالاش، يىرىڭ ۋە ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    سۆگەت چېچىكى (پوتلىسى) يەل ھەيدەش، كۆز قاراڭغۇلىشىشنى داۋالاش، قۇلاق ئاغرىقى ۋە چاچ چۈشۈشنى توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قاينىتىپ سۈيىدە ئېغىز چايقىسا چىشنى چىڭىتىدۇ. ئىچىپ بەرسە ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • قارا كۈنجۈت قۇۋۋەت تالقىنى
    قارا كۈنجۈت قۇۋۋەت تالقىنى
  • تەبىئىي بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
    تەبىئىي بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
  • كۈچەيتىلگەن چۈمۈلە ماي
    كۈچەيتىلگەن چۈمۈلە ماي
  • مەزى بېزى كاپسۇلى
    مەزى بېزى كاپسۇلى
  • ھەمىدە دىئابىت كاپسولى
    ھەمىدە دىئابىت كاپسولى
  • سۇلۇ قۇۋۋەت تالقىنى
    سۇلۇ قۇۋۋەت تالقىنى
  • دىئابېت چېيى
    دىئابېت چېيى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
    سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
  • بالىلار ئىمونىتىت ئاقسىلى
    بالىلار ئىمونىتىت ئاقسىلى
  • تەمرەتكە يوقىتىش شاھى
    تەمرەتكە يوقىتىش شاھى
  • خوۋېيسۇ ئاشقازان كاپسولى
    خوۋېيسۇ ئاشقازان كاپسولى
  • قەۋزىيەت ۋە ئورۇقلىتىش مېۋىسى
    قەۋزىيەت ۋە ئورۇقلىتىش مېۋىسى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
    تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
  • كۆز ئاسراش كۆز ئەينىكى
    كۆز ئاسراش كۆز ئەينىكى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى
    سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە ئوكسىگىن ماشىنىسى
    ياپۇنىيە ئوكسىگىن ماشىنىسى
  • 5 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
    5 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
  • 3 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
    3 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ئاپتۇماتىك ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    ئاپتۇماتىك ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
    ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
  • پۇتنى قىزىتىپ داۋالاش ساندۇقى
    پۇتنى قىزىتىپ داۋالاش ساندۇقى
  • بويۇن، مۈرىنى قىزىتىپ داۋالاش
    بويۇن، مۈرىنى قىزىتىپ داۋالاش
  • توكقا چېتىپ قىزىتىدىغان بەللىك
    توكقا چېتىپ قىزىتىدىغان بەللىك
  • توك ئارقىلىق قىزىتىدىغان تىزلىق
    توك ئارقىلىق قىزىتىدىغان تىزلىق

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号