خەنزۇچە ئاتىلىشى: 碰砂
ئەرەپچە نامى: تەنكار
تونۇش: بۇ تەبىئىي كان ماددىسى دانىكارنى پىششىقلاپ تەييارلانغان كرىستالدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ رەڭسىز ياكى ئاق رەڭلىك، يېرىم سۈزۈك، قىرلىق تۈۋرۈكسىمان ياكى كرىستالسىمان، چوڭ-كىچىك، سەل ئاچچىق، يەككە ماددىلىق كرىستال بولۇپ، ئەينەك پارقىراق كېلىدۇ، ئەمما ئازراق ئاپتاپ ياكى شاماللىق يەردە تۇرسا پارقىرىماس بولۇپ قالىدۇ، يۆگەپ قويسىمۇ پارقىرىماس بولۇپ قالىدۇ، ئۇ چۈرۈك بولغاچقا ئاسان سۇنىدۇ، ئۇزۇن ساقلانغانلىرى ئاق رەڭلىك تالقان بولۇپ پارقىراقلىقى يوقىلىدۇ، دانىكار ئەسلى تۇز كۆللىرىدىكى قاتقان جۇغلانمىلاردا، قۇرغاق رايونلاردىكى تۇزلۇق توپىلاردا ھاسىل بولىدۇ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ماددىلارنى يۇمشىتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىششىق تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، جاراسىملارنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بوۋاسىر، ئوتتۇرا قۇلاق ئاغرىقى ياكى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، ئاشقازان ئاغرىقى، بالىلاردىكى قۇسۇش كېسىلى، قورساق ئېسىلىش، يۆتەل، دېمى سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قائىدە بويىچە مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ كۇمىلاچ قىلىپ ئىچىلسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ، قەۋزىيەتنى تۈگىتىدۇ، ئېزىپ مۇۋاپىق مىقداردا جاراھەتلەرگە سېپىلسە جاراھەتنىڭ بۇزۇق گۆشلىرىنى يوقىتىدۇ، باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ مۇرەككەپ ياسالما تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 1-0.5 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: رەئىس ئەزالارغا زىيانلىق.
تۈزەتكۈچىسى: سەمغى ئەرەبى، سىركە.
ئورۇنباسارى: بۆرە ئەرمىنى.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي، شىزاڭ، جياڭشى، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ھەم شىنجاڭدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号