• ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · مېڭە قاناش
  • · ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى 45 ياشتا قېرىشقا باشلايدىكەن
  • · ھاراق تاماكا ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ
  • · چوڭ مېڭە باش ئاغرىقىنىڭ جاۋابكارى ئەمەس
  • · ئىستىرخا (پەي - مۇسكۇللار بوشىشىپ كىتىش)
  • · پالەچ
  • · لەقۋا ( يۇز نىرۋا پالىچى )
  • · باش ئاغرىش
  • · نېرۋا ئاجىزلىق ۋە ھەر خىل مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش
  • · خامۇشلۇق كېسىلى
  • · مېڭە توسۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى
  • · ئەتىياز پەسلىدە كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىڭ
  • · مېڭە قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى
  • · مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
  • · نېرۋا ئاجىزلىقنىڭ شىپاسى
  • · چوڭ مېڭىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟
  • · جىگەر ئاجىزلىقتىن بولغان مېڭە كېسەللىكى
  • · باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • · ئۇيقۇنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇللىرى
  • · مېڭە يىگىلەش ۋە ئۇنۇتقاقلىقنىڭ سەۋەبى
  • · نېرۋا ئاجىزلىقى
  • · باش ئاغرىش
  • · سۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىش يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ
  • · يۈرەك كېسىلىنىڭ قول دۈمبىسىدىكى ئالامىتى
  • · ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى يۈرەك كېسىلىنى قوزغايدۇ
  • · قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى
  • · يۈرەك سانجىقىنىڭ بەلگىلىرى
  • · قان قۇسۇش قانداق كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ
  • · قان ئازلىق
  • · راست ۋە يالغان يۈرەك سانجىقىنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلى
  • · مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ 10 چوڭ سىگنالى
  • · قىل-قان تومۇر ۋە ساغلاملىق
  • · يۈرەك كېسىلىنىڭ بېشارەتلىرى
  • · مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ بېشارەتلىرى
  • · قاندىكى ماينى يوقىتىشتىكى ئۈچ گۆھەر
  • · قانداق قىلغاندا ئۆزىدىكى يۈرەك كېسىلىنى بايقىغىلى بولىدۇ
  • · سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى
  • · يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
  • · قاننىڭ رەڭگى ۋە كېسەللىك
  • · ھەرىكەت قىلغاندا باش ئاغرىش يۈرەك كېسىلىدىن بېشارەت بولۇشى مۇمكىن
  • · يۈرەك بىلەن ئۆپكىنى ئويغاتقاندا تۆت خىل نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك
  • · بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم
  • · ئاچ قورساق قاندىكى ماينى تەكشۈرتۈشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
  • · يۇشۇرۇن «قاتىل» دىن ھۇشيار بۇلۇڭ
  • · ئىچ سۈرۈش، قۇسۇش ـــــ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكىدىمۇ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر ھېسابلىنىدۇ
  • · قايسى خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك ؟
  • · يۇقىرى قان بېسىم ھەققىدە چۈشەنچە
  • · يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى
  • · قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلىنىڭ ئادەم تېنىگە بولغان ئېغىر خەۋپى قايسىلار؟
  • · يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
  • باش ئاغرىش
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 11:57 08-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 2192
    دىئابېت كاپسۇلى

    باش ئاغرىش - ھەرخىل ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن مېڭىنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان باشنىڭ چوققا قىسمىدىن تارتىپ، گەجگە سۆڭىكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغىچە بولغان دائىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئاغرىشلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ باش ئاغرىش دېيىلىدۇ. باش ئاغرىش بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بولۇپ كەلسە، يەنە بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ بېشارەتچى ئالامىتى بولۇپ كېلىدۇ. شۇڭا باش ئاغرىشقا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. باش ئاغرىش ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا، جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلارغا قارىغاندا ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا، نامرات رايونلارغا قارىغاندا تەرەققىي تاپقان رايونلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

    تۈرلىرى

    باش ئاغرىشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاغرىش ئورنى، كېسەللىك سەۋەبى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى، خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى، شېرىكىي باش ئاغرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    1. خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى

    خىلىت تەسىرىدىن كېلىپ چىقماستىن، بەلكى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق قاتارلىق خىلىتسىز كەيپىياتلارنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش ئاغرىقى خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى دېيىلىدۇ.

    ئۇ، خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش، خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش، خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى، خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقتىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن بەدەنگە جۈملىدىن باش قىسمىدىكى مۇسكۇل (توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىشنى ماددىسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىش دەيمىز.

    سەۋەبى: 1) ئەمەلىي ئىسسىقلىق (بىلپىل ئىسسىقلىق) قا يولۇقۇش، ئاپتاپتا ئۇخلاش، تومۇز ئىسسىقتا تۇرۇپ قېلىش، ئىشلەش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، داۋاملىق ئوتنىڭ يېنىدا ئىشلەش قاتارلىق (خۇمدانچى، تۆمۈرچى، ئاشپەز، ناۋاي...) سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

    2) زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش،  مەسىلەن: قەلەمپۇر، قارىمۇچ، خولىنجان، زەپەر، پىلپىل...تەركىبلىك دورىلار، چاي دورىسى ۋە رەيھان شەربىتى، مۇسەللەس قاتارلىقلارنى كۆپ ئىچىش، ئىپار، ئەنبەر، قۇندۇز قەھرى قاتارلىقلارنى داۋاملىق يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش، خورما، ياڭاق مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم، دورىلىق كاۋاپ، ئات گۆشىنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار.

    3) روھىي جىددىيلىك ۋە ئېغىر ئەمگەك قىلىش، كۆپ چارچاش، غەم-قايغۇ، زىيادە ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلار قان ئايلىنىشنى زىيادە تېزلەشتۈرۈپ، قان تومۇر ۋە مۇسكۇللاردا جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن نېرۋىلار غىدىقلىنىپ، باش ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ.

    4) تەنقىيە-ئىستىفراغنىڭ نورمال بولماسلىقى، تەر، چوڭ تەرەت، ھەيزنىڭ نورمال كەلمەسلىكى قاتارلىقلاردىن باش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

    5) بىر قىسىم ئوفۇنەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    ئالامىتى:

    1. بۇ خىل باش ئاغرىشتا ئىككى چېكىنى مەركەز قىلىپ ئاغرىيدۇ، ئاغرىشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ، باش ساھەسى قىزىق بىلىنىدۇ. ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقى يۇقىرى بولىدۇ، سوغۇقتىن راھەتلىنىدۇ، بىمارنىڭ مىجەزى ناھايىتى چۇسلىشىپ، ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ. تومۇرىنى تۇتقاندا تومۇرى تېز، ھارارەتلىك سوقىدۇ، ئىسسىقلىققا يولۇقۇش تارىخى بولىدۇ.

    2. خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: ھۆل سوغۇق كەيپىياتىنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن بەدەنگە جۈملىدىن باش قىسمىدىكى مۇسكۇل-توقۇلمىلاغا تەسىر قىلىشدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىنى خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى دەيمىز.

    سەۋەبى:

    1) ئەمەلىي سوغۇقلۇققا يولۇقۇش، يەنى سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، توڭلاش، قار-يامغۇردا قېلىش، سوغۇق، زەيكەش جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ياشاش، سۇ ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلاردىن باش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

    2) سوغۇق ياكى ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، مەسىلەن: قېتىق، دوغاپ، سوغۇق گازلى سۇ، راڭپىزا، لەڭپۇڭ، لىمون، ئەينۇلا، تەرخەمەك، ئوسۇڭ، يۇمغاقسۈت، قىزىلگۈل، كافۇر، سىركە، سەندەل، غوراپ، چوكا ۇز قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش.

    3) كۆپ ئۇخلاش، ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى، ھورۇنلۇق قاتارلىقلار باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. زىيادە ئۇيقۇ، ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى بەدەندە ئىمتىلاھ، سۇسلۇقنى پەيدا قىلىپ ھۆللۈكنى كۆپەيتىدۇ.

    ئالامىتى:

    باش ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، بەدەن سوغۇق ھەم بوش بولۇپ، ئۇنتۇغاقلىق ئېغىر بولىدۇ. ئۇيقۇسى كۆپىيىپ ھورۇنلىشىدۇ، كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولمايدۇ. ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورىلاردىن راھەتلىنىدۇ. تومۇرى بوش ھەم ئاستا سالىدۇ، سوغۇققا ئۇچرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

    3. خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: ھۆل ئىسسق كەيپىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن بەدەنگە جۈملىدىن باش  قىسمىدىكى مۇسكۇل-توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرقى ماددىسىز ھۆللۈكتىن بولغان باش ئاغرىش دېيىلىدۇ.

    سەۋەبى:

    1) ئەمەلىي ھۆللۈككە يولۇقۇش: ھۆللۈك، سازلىق، ھۆل-يېغىن كۆپ جايلاردا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

    2) تەسىرى ھۆللۈك: ھۆل مىزاجلىق دورا-دەرمەك، يەل-يېمىش، غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

    3) ھەرىكەتنىڭ ئازلىقى، جىملىق، ھۇرۇنلۇق، جىسمانىي ھەرىكەت، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازلىقى، بوشاڭلىق سەۋەبىدىن بەدەندە ھۆللۈك ئارتىپ كېتىپ باش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

    4) يېمەك-ئىچمەكنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكى، دائىم تويۇنۇپ تاماق يېيىش، سۇيۇقلۇقى ۋە مېۋە سۇلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار.

    ئالامىتى:

    1) باش ساھەسى ئېسىلىپ ئاغرىيدۇ، بەدەن ھۆل ھەم بوش بولۇپ، ئۇنتۇغاقلىق ئېغىر بولىدۇ. ئۇيقۇسى كۆپىيىپ ھورۇنلىشىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولمايدۇ، قۇرۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورىلاردىن راھەتلىنىدۇ. تومۇرى توم ھەم ئاستا سالىدۇ، ھۆللۈككە ئۇچرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

    2) خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: قۇرۇقلۇق كەيپىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن بەدەنگە، جۈملىدىن باش قىسمىدىكى مۇسكۇل-توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش ماددىسىز قۇرۇقلۇقتىن بولغان باش ئاغرىش دېيىلىدۇ.

    سەۋەبى:

    1) ئەمەلىي قۇرۇقلۇققا يولۇقۇش: قۇرغاق ھاۋا، قۇملۇق، تاغلىق، چۆللۈك جايلارا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

    2) تەسىرى قۇرۇقلۇق: قۇرۇق مىزاجلىق دورا-دەرمەك، غىزالارنى كۆپ ئىستېمل قىلىشتىن كېلىپچىقىدۇ.

    3) ھەرىكەتنىڭ كۆپلۈكى، ئۇيقۇسىزلىق، جىسمانىي ھەرىكەت، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ زىيادىلىكى سەۋەبىدىن بەدەندە قۇرۇقلۇق ئارتىپ كېتىپ باش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

    ئالامىتى:

    باش ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، بەدەن قۇرۇق ھەم چىڭ بولىدۇ. تېرىلەر يىرىك، قۇرغاق بولىدۇ، ئۇيقۇسى ئاز، ئاسان جىددىيلىشىدىغان، تېرىكىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھۆل غىزالار ۋە دورىلاردىن راھەتلىنىدۇ، تومۇرى ئىنچىكە، تېز سالىدۇ، قۇرۇقلۇققا ئۇچرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

    يۇقىرىدا ماددىسىز يالغۇز كەيپىياتتىن بولغان باش ئاغرىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، ماددىسىز مۇرەككەپ كەيپىياتتىن بولغان باش ئاغرىش ئاساسەن يەككە كەيپىياتلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ. ئالامەتلىرىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ماددىسىز مۇرەككە كەيپياتتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش توغرىسىدا ئايرىم توختالمايمىز.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • قان بېسىم چۈشۈرۈش چېيى
    قان بېسىم چۈشۈرۈش چېيى
  • دىئابېت چېيى
    دىئابېت چېيى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • گېمروي مەلھىمى
    گېمروي مەلھىمى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى
    سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى
  • توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
    توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号